1000 دوللارغا نىمە قىلغىلى بولىدۇ

مەنبە: باغداش مۇنبىرى

تەھرىر: ablatjan

يوللانغان ۋاقتى: 2015-11-15 14:06:53

ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ، ئالى مەكتەپنىمۇ پۈتكۈزمىگەن دال كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى سېتىپ 1000 دوللار پۇل تاپتى . بۇ پۇلغا ئېرىشكەن كۈنى ، ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە 1000 دوللارنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك لايىھەسىنى يازدى : ھەممە دوستىنى چاقىرىپ كاتتا زىياپەت بېرىش ؛ فورت ماركىلىق نىمكەش ماشىنا سېتىۋېلىش ؛ كومپيۇتېر سېتىش شىركىتى قۇرۇش .

ئالدىنقى ئىككى لاھىيە كىشىنى بەك قىزىقتۇرسىمۇ ، دال قايتا - قايتا ئويلىىنىش ئارقىلىق ، ئاخىر ئۇلارنى ئىنكار قىلدى . ئەتىسى دال بۇ 1000 دوللاردىن پايدىلىنىپ شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ ،IBM كومپيۇتېرلىىرىنى ۋاكالىتەن سېتىشقا باشلىدى . ئىككى يىلدىن كېيىن ، ئۇ يېتەرلىك پۇل تېپىپ ، ئۆزى كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇشقا باشلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ماركىسىنى بازارغا سالدى . دۇنيادىكى ھەرقايسى كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ زاپچاسلىرىدىن پايدىلىنىپ ، ھەرقايسى دەرىجىدىكى خېرىدارلارنى رازى قىلغاچقا ، دالنىڭ كومپيۇتېرلىرى تېزلا بازىرى ئىتتىك ماركىغا ئايلاندى .

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، دال كومپيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇنغا ، پايدىسى 1- ئورۇنغا ئۆتتى . خۇسۇسىي بايلىقى 21مىليارت 490 مىليون دوللارغا يېتىپ ، دۇنيادىكى بايلار تىزىملىكىدە 4- ئورۇنغا ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش ئالتە باينىڭ ئىچىدە 1- ئورۇنغا ئۆتتى .

ئامېرىكىلىق تۆمۈريول زاردارى جامىس خېئول ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغاندىمۇ ئاران 1000 دوللار پۇلى بار ئىدى ، بەلكى بۇ پۇلنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئالغانىدى. ئۇ بۇ پۇلنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ، ئاۋۋال باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ ئاشلىق ۋە گۆش تىجارىتى قىلىدىغان شىركەت قۇردى ، ئاندىن كېيىن تۆمۈريول قۇرۇلىشىغا ئارىلىشىشقا باشلاپ ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ ، دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايغا ئايلاندى . ئۇ 89 يىل ئۆمۈر كۆردى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ، كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئېپى توغرۇلۇق سورىغاندا ، ئۇ بىرلا جۈملە سۆز بىلەن جاۋاپ بەرگەنىدى : << مەن 1000 دوللارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىمەن .>>

ئاتا سۆزى :

ئەگەر سېنىڭ 1000 دوللار پۇلۇڭ بار بولۇپ ، دالنىڭ ئەينى چاغدىكى ھالىتىدا تۇرۇۋاتقان بولساڭ ، قانداق قارار چىقارغان بولاتتىڭ؟ بۇ پۇلنى خەجلەپ مېغىزىنى چاقارمىدىڭ ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مەبلىغى قىلارمىدىڭ ؟ بۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ پۇرسەتكە بولغان تونۇشۇڭغا باغلىق . 1000 دوللار ئانچە چوڭ سان بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلەڭ سېنىڭ پۇرسەتنى تونۇش ۋە ئىگىلەش قابىلىيىتىڭنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ . جايىدا پايدىلىنىشنى بىلسەڭ ، ئۇ سېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە باسقان تۇنجى قەدىمىڭ ، مۇھىم تاللىشىڭ بولۇپ قالىدۇ .

شۇنى بىلگىنكى ، بىز تۇرىۋاتقان دەۋر ئالتۇن دەۋر ، كەسكىن قارار چىقىرىشىمىزنى كۈتىدىغان دەۋر . بىز ئېچىۋېتىلگەن بۇ دۇنيانىڭ بىزگە بەرگەن پۇرسىتىنى چىڭ تۇتايلى!


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有