ھاياتىڭىزدا بىرنەچچە قېتىم كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى بېيىش پۇرسىتى

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2015-01-28 12:07:55

پاي چېكى بازىرى ناھايىتى داۋالغۇشچان بازار بولۇپ مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ھەم سەزگۈرلىكنى ھەم سەۋرىچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. پاي چېكى بازىرىدىكى مانا بۇ داۋالغۇشچانلىق بىزنى داۋاملىق پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر سىز چوڭ جەھەتتىن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈزلۇنىشىگە، كىچىك جەھەتتىن پاي چىېكى بازىرىنىڭ يۆنۈلۈشىگە ئەگىشىپ، سەۋرى تاقەت بىلەن ماسلىشىپ بېرەلىسىڭىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاياتىڭىزنى پۇتۇنلەي ئۆزگەرتىۋەتكىدەك دەرىجىدە پۇل تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

دۇنيادىكى بايلار ۋە كارخانچىلارنىڭ مۈتلەق كوپ قىسمى مانا مۇشۇ يول ئارقىلىق بېيىغان ۋە ئېگىلىك تىكلىگەن. دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پاي چېكى پىشىۋاسى ئامېرىكىلىق ۋاررېن باففىت بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1961- يىلى تۇغۇلغان ئاۋسترالىيەلىك مىليادېر، بايلىق پادىشاسى دەپ نام ئالغان FMG (Fortescue Metal Group) شىركىتى (تۆمۈر رودىسى قازىدىغان شىركەت) نىڭ لىدىرى ئاندرېۋ فوررېستمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان تىپىك مىساللارنىڭ بىرى. ئاندرېۋ فوررېست ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن دەسلەپتە ئاكسىيە شىركىتىدە ئىشلىگەن بولۇپ بۇ جەرياندا ئۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات نەتىجىللىرىنى ئۆزۈنىڭ تەھلىللىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەڭ ياخشى ئىستىقباللىق كارىخانىلارنى ئىزدەپ چىقىشقا كىرىشكەن. 2003- يىلى ئۇ ئەڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارىغان، غايەت زور تۆمۈر رودىسى بايلىقىغا ئىگە پاي چېكى باھاسى ئاران 3 سېنت ئەتراپىدىكى بىر شىركەتنىڭ كۆپ ساندىكى پېيىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق كوتۇرول قىلىۋالغان، ئاندىن ئىسمىنى ھازارقى شىركەت ئىسمىغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا جوڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تۆمۈر رودىسىغا بولغان ئىھتىياجنىڭ تېز سۈرەتتە ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى ناھايىتى توغرا مۆلچەرلەپ پۈتۈن كۈچىنى تېز سۇرەتتە ئۈنۈملىك تۆمۈر رودىسى ئىشلەپچىقىرىشقا قاراتقان. نەتىجىدە تۆمۈر رودىسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى شىركەتنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇپ پاي چېكىنىڭ تېز سۇرەتتە ئۆسۈشىگە تۇرتكە بولغان. شىركەتنىڭ پاي چېكى قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 2008- يىلنىڭ ئاخىرى 13 ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئادەتتىكى بىر خىزمەتچىدىن مېليادىرغا ئايلانغان.

مانابۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدە بىرنەچچە قېتىم كېلىدىغان پۇرسەت، شۇندىقلا داۋاملىق ئۇچرايدىغان پۇرسەت. بۇنداق پۇرسەتلەر سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ داۋاملىق مەۋجۇت، ئەگەر سىزمۇ ئاشۇ پۇرسەتنى سەزگۈرلۈك بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلىيالىسىڭىز ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ساناقلىق بايلاردىن بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

يېقىندا باغداش تورىدا ئېلان قىلىنغان 17 ياشلىق بېنگال پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇھەممەدنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ پاي چېكى سودىسى قىلىپ 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تېپىشى مانا مۇشۇنداق پۇرسەت خاراكتىرلىك شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى توغرا تاللاپ مەبلەغ سالالىشىدىن بولغان.

توۋەندە، كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوزەم سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالماقچى بولغان، ئۇزۇندىن بېرى كۈزۈتىۋاتقان بىرنەچچە شىركەتنىڭ 10 يىل جەريانىدىكى پاي چېكى باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى ئەمىلىي مىسال سۈپۈتىدە كۆپچىلىككە سۇندۇم.

سۈرەتتىكى گىرافىك (a) كان بايلىقى تىپىدىكى سىركەتنىڭ پاي چېكى باھا ئۆزگۈرۈشى بولۇپ ئافرىقا ۋە ئاۋسترالىيەدە غايەت زور مىقداردىكى گىرافت (ھازرقى كان بايلىقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا) ۋە ئۇران كان بايلىقىغا ىگە. ھازارقى مولچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ يېڭىدىن بايقالغان گىرافىت بايلىقى نورمال سەۋىيە بويۇنچە قېزىلسا تەخمىنەن 100 يىل يېتىدىكەن. گەرچە بۇ شىركەت تېخى مەھسۇلات ئىشلەپچىىقىرىشقا كىرىشمىگەن بولسىمۇ گېولوگىيەلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىللىرى سەۋەپلىكلا 10 يىل ئىچىدە ىككى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى پۇل تېپىش پۇرسىتى ياراتقان. يەنى بىر قېتىم پاي چېكى باھاسى 15 سېنتتىن 2 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغا، يەنە بىر قېتىم 10 سېنتتىن 80 سېنتقا ئۆرلىگەن. تېخى بۇلتۇر پاي چېكى باھاسى يەنە 3 سېنتقا چۈشكەن بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى بىر يل ئىچىدە يەنە 10 ھەسسە ئۆرلىدى. ئەگەر شىركەت رەسمىي گىرافت قېزىپ چىقىرىشقا كىرىشسە پاي چېكى باھاسىنىڭ 2 ئاۋسترالىيە دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. گىرافىك (b) مۇ كان بايلىقى تىپىدىكى شىركەتنىڭ پاي چېكى باھا ئۆزگۈرۈشى بولۇپ بۇ شىركەتمۇ يەتتە يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بېيىش پۇرسىتى ياراتقان. يەنى دەسلەپكى ئۈچ يىل ئىچىدە 10 سېنتتىن 2 ئاۋسترالىيە دوللىرىغا ئۈسكەن، كېيىن يەنە 2009- يىلى 14 سېنتقا چۈشۈپ يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە 2 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغا ئۆسكەن. ھازىر 20 سېنت ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقىلىغا تۆت يىل بولدى، ئەگەر كان بايلىقى تىپىدىكى شىركەتلەرگە يەنە بىرەر قېتىم پۇرسەت كېلىپ قالسا (ئۇزاققا بارماي يەنە بىر پۇرسەت كېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى زور) مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئالدىدا تۇرغان بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى باھاسى يەنە بىر قېتىم دەرىجىدىن تاشقىرى بېيىش پۇرسىتى يارىتىشى مۇمكىن. تېخنىكىلىق ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر پۇرسەت راستىنلا يەنە كېلىپ قالسا شىركەتنىڭ پاي چېكى باھاسى ئالدىنقى قېتىملىق ئەڭ يۇقۇرى باھادىنمۇ خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. گىرافىك (c) بولسا تەبىي گاز ىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش ۋە ئېكىسپورت شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھا ئۆزگۈرۈشى بولۇپ، دەسلەپتە بەش يىل ئىچىدە 10 سېنتتىن 2 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغا ئۆسكەن، ئاندىن يەنە توۋەنلەپ بۇلتۇر 12 سېنتقا چۈشكەن پاي چېكى بۇ يىل بىر يىل ئىچىدىلا 2.5 ئاۋستىرالىيە دوللىرىغا ئۆستى. گىرافىك (d) بولسا مەلۇم بىر مۇارىپ مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ پاي چېكى باھا ئۆزگۈرىشى بولۇپ بەش يىل ئىچىدە %5000 ئۆسكەن، يەنى 7 سېنتتىن ھازىرقى 5 ئاۋستىرىلىيە دوللىرىغا يەتكەن. قىسقىسى پاي چېكى بازىرىدىن بۇنداق شىركەتلەرنى ئىزدىسىڭىز داۋاملىق ئۇچرىتالايسىز.

نورمال پاي چېكى سودا بازىرى بار بولغان ھەرقانداق بىر دۆلەتتە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاز دېگەندە 1000 دىن ئاشىدۇ لېكىن ھەممىسى بۇنداق ئۆسىۋەرمەيدۇ، گەپ يەنىلا شىركەتنىڭ سەرخىلىنى تاللاشتا. پاي چېكى بازىرى ناھايىتى رەھىمسىز بازار، پۇرسەت ۋە خېيم- خەتەر داۋاملىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ بازاردا سىز قانچە خېيم- خەتەرگە تەۋەككۇل قىلالىسىڭىز شۇنچە كۆپ پايدىغا ئېرىشەلەيسىز. پاي چېكى قارىغۇلارچە سېتىۋېلىپ تەلەي سىنايدىغان لاتارىيە بېلىتى ئەمەس، ئۇ بېلىم، قابىلىيەت، سەۋرى تاقەت ۋە ئادەمنىڭ غەيرىتىنى سىنايدىغان دەۋىرگە خاس زامانىۋىي سودا بازىرى. بايبول تەتقىقات مەركىزى تەھلىل، تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەڭ ياخشى شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى تاللاپ ۋە تاسقاپ ھەرۋاقىت سىزنى باي بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىلەيدۇ.

بايبول ئىقتىساد ئۇچۇر سۇپىسى يانداش ھالدا بايبول ئۈندىدار توپى تەسىس قىلغان بولۇپ توپتا بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەندىن باشقا نوپۇزلۇق كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۇل-مۇئامىلە بىلىملىرى ۋە مەسلىھەتچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بايبول ئۈندىدار توپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەنكى ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلىڭ.、ئۈندىدار :2196381143


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有