ئىلمىي ئۇسۇلدا پىلانلىق مەبلەغ سېلىش ۋە بېلىمگە تايىنىپ سودا قىلىش بېيىش قەدىمىڭىزنى تېزلىتىدۇ

مەنبە:

تەھرىر: yamgur

يوللانغان ۋاقتى: 2015-01-12 11:54:36

ھازىرقى زامان كارخانىچىللىرىنىڭ باي بولۇش پىرىنسىپى ئاساسەن ئالدى بىلەن مەبلەغ توپلاپ سودا قىلىش (پۇل تېپىش)، ئاندىن جاپا- مۈشەققەت بىلەن ئېگىلىك تىكلەش ۋە ئاخىرقى ھېساپتا خەلقاراغا يۈزلۈلۈشتىن ئئىبارەت مۇشۇ ئۈچ خىل باسقۇچنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەيلى سىز قايسى باسقۇچتا تۇرۇڭ، سىزنىڭ بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا ئاتلىشىڭىز پەقەت مۇۋەپپىققىيەت ئاساسىدىلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. ئەمما ھازىرقى كەسكىن رىقابەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرى ئۇنداق تەكشى بولمايدۇ.

ئامېرىكا سودا مېنىستىرلىگىنىڭ سانلىق سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېڭى قۇرۇلغان سودا كارخانىللىرى ۋە سودا شىركەتلىرى ئىلمىي ئۇسۇلدىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىققان سودا پىلانى بولمىغانلىقتىن، %50 ى بىرىنجى يىلىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىكەن، بەشىنجى يىلىغا بارغاندا بۇ سان %80 كە يېتىدىكەن. قىسقىسى ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئارقىلىق سېستىمىلىق سودا پىلانى تۈزمىگەن كارخانا ۋە شىركەتلەرنىڭ %80 ى بەش يىلغا بارماي ۋەيران بولىدىكەن.

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېگىلىكىگە قارايدىغان بولساق يەككە سودا- سانائەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋە باشقا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ نىسبىتى كۆپۈيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پەن- تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش، تەتقىقاتنى ئاساس قىلىش ۋە ئىقتىساسلىقلاردىن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقارالىق سەۋىيەدىن تولىمۇ يىراق.

ھەرقايسى ساھەلەر بويۇنچە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قارايدىغان بولساق، مىللىي ئېگىلىكىمىزدە تۈۋرۈكلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان يېمەك- ئىچمەك كەسپى قارىماققا سان ۋە تۈر جەھەتتە كۆپۈيىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سۈپەت، مۇلازىمەت، رىقابەت، كەسىپلىشىش، سېستىمىلىشىش، زەنجىرلىشىش ۋە پاتېنتلىشىش جەھەتتە تېخىچە ئەن- ئەنىۋىي ھالەتتىن قۇتۇلۇپ كەتكىنى يوق. رايۇن ياكى دۆلەت ھالقىپ بازار ئېچىش ئىشلىرىدىن تېخىچە گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. كېيىم- كېچەك كەسپى بولسا سۇپەت قوغلۇشۇپ مەھسۇلات چىقىرىشنىڭ ئورنىغا ئىسىم ياكى ماركا قوغلۇشۇپ تەييار كېيىمگە چاپلاپ سېتىش باسقۇچىدا. تېخى ئەمدىلا شەكىللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن مىھمانخانا مۇلازىمەت كەسپى پات ئارىدا ئېچىۋېتىلمەكچى بولغان خەلقارا بازارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ- يوق تېخى بىرنەرسە دېمەك تەس. بىرمەھەل يەر زىمىنلىرى بار كىشىلەرنى خېلىلا باي قىلغان ھەتتا خىيالىدا بېيىپ قېلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان كىشىلەرنىڭمۇ بېيىپ قېلىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن ئۆي- مۈلۈك كەسپىمۇ يۇقۇرى پەللىگە يېتىپ داۋاملىق پۇل تېپىش پۇرسەتلىرى ئازايدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى شىركەتلەر ئارا ھەمكارلىشىش، ئوز- ئارا بىرلىشىپ قۇدرەت تېپىش ۋە ياكى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش باسقۇچى تېخى رەسمىي شەكىللەنمىدى.

ھازىرقى دەۋىردىكى زامانىۋىي سودا دەپ قارىلىۋاتقان پۇل- مۇئامىلە بازارلىرى تېخىچە ئۇيغۇر ئىگىلىكىدىن تېگىشلىك نىسىۋىسىنى ئالالمىدى. تېخىچە پېيى بازارغا سېلىنغان داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق پايچكلار تېزىملىكىگە كىرگەن بىرەر ئۇيغۇر يوق، ئەگەر بولسىمۇ ساناقلىق. 1992 - يىلى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن پاي چېكى سودا بازىرى بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن ئاساسلىق شەھەرلەرگە يېتىپ بارغان بولسىمۇ تېخىچە كارخانىچىللىرىمىزنىڭ، بايلىرىمىزنىڭ ۋە باي بولغۇچىللىرىمىزنىڭ قىزىقىشىنى قوزغۇيالىغىنى يوق. توۋار مال ۋە تاشقى پېرىۋوت سودىسى تېخىمۇ شۇنداق. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدە پاي چېكى ۋە ئالتۇن سودىسىغا ھەۋەسكار سۈپىتىدە قىزىقىۋاتقانلار بىرقەدەر كوپ بولسىمۇ پايدا ئېلىۋاتقانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئاساسەن بازار ۋە شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەستىن مەبلەغ سېلىش، قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ساختا تەشۋىقاتلارغا ئىشىنىش، ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك ياكى ئازراق پايدىغا رازى بولماسلىق، زىياننى كۆتۈرەلمەسلىك ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئالالماسلىق، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنى ئاساس قىلماسلىق، تەجىربىلىك ۋە كەسپ ئىگىللىرىدىن تەشكىل تاپقان مەسلەھەتچىلىك ۋە فوند باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ بولماسلىقىدەك ئەھۋاللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئۇچۇر، ئالاقە ئىشلىرى تېزلىشىپ، دۇنيا كىچىكلەپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى رىقابەت كەسكىن دەۋىردە ئەنەنىۋى ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىش – شاللاشقا مەجبۇر ۋە تاللاشقا ئىھتىياجلىق. باي بولغۇچىلار ۋە ئېگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھامان دەۋىرنىڭ تەلىۋىگە يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. شۇنداق ئىكەن، دەۋىر مەبلەغ سالغۇچىلاردىن يېڭى ئىددىيە، يېڭى بىلىم ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بىلىمنى ئىگەللەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، لېكىن ئۇ مۈشكۈلمۇ ئەمەس. ئۇ سىزدىن ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت، ئانالىز ۋە تەتقىقات نەتىقىللىرىنى ھەم شۇ ئاساستا ئىنتايىن توغرا، كەسكىن قارار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىلمىي ئۇسۇلدا پىلانلىق مەبلەغ سېلىش ۋە بىلىمگە تايىنىپ سودا قىلىش باي بولۇش قەدىمىڭىزنى تېزلىتىدۇ. بايبول شىركىتى سىز ئۈچۈن مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇساپىڭىزنى قىسقارتىش ئۈچۈن مەسلەھەت بېرىدۇ. بايبول شىركىتى بۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ تىجارىتىڭىزگە ياكى شىركىتىڭىزگە دىئاگۇنۇز قويۇش، تەرەققىيات يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەش، باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى ۋە مالىيە كۈچىنى زورايتىش ھەمدە مەھسۇلاتىڭىزغا بازار ئېچىش جەھەتتە سىزنى زامانغا خاس بولغان مەسلەھەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىسقا ۋاقىتتا پۇل تېپىشنى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ھەسسىلەپ پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچىلارغا پاي چېكى، توۋار مال، چەتەل پۇلىنى قانداق ۋاقىتتا، قانداق باھادا سېتىۋېلىش - سېتىشنىڭ يوللىرى ۋە تېخنىكىلىق بىلىملىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق، توغرا ھەم ئۈنۈملىك مەسلەھەت بېرىدۇ. چەتەلدە ئۆي- مۈلۈك سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئەڭ زور ئىشەنچ، يۇقۇرى سۈپەت بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

بايبول ئىقتىساد ئۇچۇر سۇپىسى يانداش ھالدا بايبول ئۈندىدار توپى تەسىس قىلغان بولۇپ توپتا بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەندىن باشقا نوپۇزلۇق كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۇل-مۇئامىلە بىلىملىرى ۋە مەسلىھەتچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بايبول ئۈندىدار توپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەنكى ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلىڭ.、ئۈندىدار :2196381143


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有