ئەتراپىڭىزدا كۈندە ئۇچراپ تۇرىدىغان ساناقسىز باي بولۇش پۇرسەتلىرى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2014-12-19 11:40:17

دۇنيانىڭ ئۇمۇمىي تەرەققىياتى ماھىيەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چۆرىدىگەن ھالدا راۋاجلىنىپ ماڭىدۇ. يەنى ئىقتىساد قانچە ياخشىلانسا دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىمۇ ماس ھالدا راۋاجلىنىدۇ، نەتىجىدە پۇل تېپىش ياكى بېيىش پۇرسىتىمۇ كۆپۈيىدۇ. بۇنى رايۇن ياكى دۆلەت كاتىگۇرىيەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ شۇنداق.

يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى دۇنيا ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرەتتە راۋاجلىنىشى، كۆپ خىللىشىشى، ۋە زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى ۋە مەبلەغ سېلىشنىىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا پۇل تېپىشنىڭ پۇرسەتلىرى كۆپۈيىشكە باشلىدى. سودا- ساناەت، پۇل- مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى ئەن - ئەنىۋىي ئۇسۇلدىن راۋاجلىنىپ پەن- تېخنىكا سىڭدۇرۈلگەن، سېستىمىلاشقان، زامانىۋىي ئۇسلۇبقا قاراپ يۈزلەندى. كومپىيۇتىرلاشقان تۈرلۈك زامانىۋىي سودا بازارلىرى كەينى- كەينىدىن بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. كاپىتالىزىمنىڭ ئەركىن بازار ئەندىزىسىى ۋە زامانىۋىي ئىگىلىك سېستىمىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيدى. پاي چېكى سودا بازارلىرى بارلىققا كېلىپ ھەممە ئادەم پاي چېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق شىركەتتىن نەپ ئالالايدىغان، شىركەتكە كىرەلەيدىغان، شىركەتنى كونتۇرول قىلالايدىغان ھەتتا قابىلىيىتى بولسا شىركەتنى باشقۇرالايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. توۋار مال ياكى قەرەللىك مال سودا بازارلىرى شەكىللىنىپ تېخى دىھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن چىقمىغان ھوسۇللارنى ئېلىپ- ساتقىلى بولىدىغان، قېزىلغان ۋە قېزىلمىغان ئالتۇن، نېڧىت، تەبىي گازلارنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېردا سودىلاشقىلى بولىدىغان ئىمكانىيەت بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش بولغان ھەم ئۇلار بىر مەھەل پۇتۇن جوڭگودا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن لېكىن ھازىىرغىچە تېخى قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتقان قاراڭغۇ بازار تۇسىنى ئالغان تاشقى پېرىۋوت سودىسىمۇ زامانىۋىلىشىپ سېستىمىلىق بازارغا ئايلاندى. ئۇچۇر، ئالاقە، قاتناش ئىشلىرىنىڭ تېز سۇرەتتە راۋاجلىنىشى، دۆلەت چىگىرلىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، خەلقارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش قانۇنلىرىنىڭ مۈكەممەللىشىشى شۇنداقلا يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي- مۈلۈك سودىسىمۇ كېڭىيىپ، سېستىمىلىشىپ رايۇن ۋە دۆلەت ھالقىپ مەبلەغ سالغىلى بولىدىغان، زامانىۋىي ئالاقىلىشىش قۇراللىرى ئارقىلىق ھاۋالە قىلىپ سېتىۋالغىلى بولىدىغان ياكى مەبلەغ سالغىلى بولىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. قىسقىسى، مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان تۇرلۈك بازار ۋە ساناقسىز پۇرسەتلەر كەينى- كەينىدىن بارلىققا كەلدى.

پاي چېكى سودىسى: پاي چېكى سودا بازىرى بىر خىل زامانىۋىي سودا بازىرى بولۇپ، پۇل تېپىش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ بازارلارنىڭ بىرى. پاي چېكى سودىسى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئاسان، ئەڭ تېز، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئاددى، ئەڭ ئازادە، ئاز دەسمىي ۋە ئاز ئاۋارىچىلىق بىلەن پۇل تاپقىلى بولىدىغان سودا. ئەگەر مەبلىغىڭىز بولسىلا ئۆزۈڭىز ياخشى كۆرگەن دۆلەتلەردىكى ھەرقانداق شىركەتنىڭ پېيىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا سېتىۋالالايسىز ھەم ئۆزۈڭىز ياخشى كۆرگەن شىركەتكە پايچىك بولالايسىز. قارىغۇلارچە سودا قىلمىسىڭىزلا پاي چېكى سودىسىدا ھەرگىز زىيان تارتمايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، پاي چېكى بازىرىدا تاللاش ئوبۇكتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، كۈندە سىزنى ساناقسىز ئېسىل شىركەتلەرنىڭ پايلىرى ساناقسىز پۇرسەتلەر بىلەن كۈتۈپ تۇرىدۇ.

توۋار مال سودىسى: توۋار مال سودىسى ئاساسەن مېتال، ئېنىرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى ئۆز ىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل سودا كۆپۈنچە ئالتۇن، نېڧىت، تەبىي گاز ۋە يېزا ىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ خاراكتىر جەھتتە پاي چېكى سودىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، لېكىن توۋار مال سودىسىدا تاللاش ئوبۇكتى ئانچە كۆپ ئەمەس، مەبلىغىڭىز بىرنەچچە خىل سودىغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ. ئەگەر تاساددىپىي مەبلەغ سېلىشتا خاتالىشىپ قالسىڭىز ئۇزۇن مۇددەت باغلىنىپ قالىسىز- دە پاي چېكى سودىسىدەك يەنە بىر شىركەتنىڭ پېيى ئارقىلىق تولۇقلاش پۇرسىتى ئاسان كەلمەيدۇ. بۇ بىر پۇرسەت خاراكتىرلىك بازار بولۇپ، سىزدىن ئىنتايان سەزگۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدۇ.

تاشقى پېرىۋوت سودىسى: تاشقى پېرىۋوت سودىسى بىر خىل مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىۋاتقان بىرقەدەر تۇراقلىق، مۇقىم، خېيم- خەتىرى ئانچە چوڭ بولمىغان، ئۇيغۇر دوللارچىللىرىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان زامانىۋىي سودا. ئەگەر پەۋقۇلاددە ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرمىسىلا، بۇ بازاردىن خاتىرجەم پۇل تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر بازارنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگەللىيەلسىڭىز كىرزىس يۇزبەرگەندىمۇ كۆپ پۇل تاپالايسىز.

ئۆي- مۈلۈك سودىسى: ئۆي- مۈلۈك سودىسى مۇقىم بولغان، خېيىم- خەتىرى ئاز، مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان لېكىن قىسقا مەزگىل ئىچىدە كۆپ ئۈنۈم ياراتقىلى بولمايدىغان سودا بولۇپ، مەبلەغ بولسىلا ھەممە ئادەم قىلالايدۇ. ھازىر ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە ۋە كانادادىن ئۆي سېتىۋېلىش ۋە بۇ دۆلەتلەردە ئۆي- مۈلۈك سودىسىغا مەبلەغ سېلىش پۈتۈن دۇنيا بايلىرىنىڭ مودىسىغا ئايلاندى.

پۇل تېپىپ بايغا، ئېگىلىك تىكلەپ كارخانىچىغا ئايلىناي دېسىڭىز، تۈرلىك سودا پۇرسەتلىرى ۋە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرى سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا كۈندە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ، گەپ بۇ پۇرسەتلەرنى بايقاش ياكى شۇ بايقىغان پۇرسەتلەرگە قانداق مەلەغ سېلىشتا. ھازىرقى كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بېلىم، ئىزدىنىش، تەتقىقات، سەزگۈرلىك ۋە سەۋرىچانلىققا بولغان تەلىۋىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ سودا سىزدىن كونىلىقنى تاشلاپ، ئىددىيەنى ئازاد قىلىپ، دەۋىرگە ھەرۋاقىت ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ شەرتلەر سىزدە ھازىر بولمىسا ئىككىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، بايبول شىركىتى سىز ئۈچۈن شاراىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. بايبول شىركىتى بايبول ئۇچۇر سۇپۇسى ۋە ئۈندىدار سالۇنى ئارقىلىق سىزگە ئاشۇ پۇرسەتلەرنى داۋاملىق كۆرسۈتۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە بايبول تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىش، تەھلىل ۋە تەتقىقات نەتىجىللىرىنى قەرەللىك ھالدا ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.

بايبول ئىقتىساد ئۇچۇر سۇپىسى يانداش ھالدا بايبول ئۈندىدار توپى تەسىس قىلغان بولۇپ توپتا بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى تۈرلۈك لېكسىيەلەرنى سۆزلىگەندىن باشقا نوپۇزلۇق كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ . بايبول ئۈندىدار توپىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن تۆۋەنكى ئۈندىدار نومۇرىنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلىڭ.

、ئۈندىدار :137183568


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有